باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ،ماھىرلىق بىلەن پىلانلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جايلارنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.07.20 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، ج ك پ مەركىزى كومىتېىتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن ج ك پ مەركىزى كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 37-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مەۋقە قىلىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن پىلانلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەتنىڭ تېخنىكا كۆچۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى لايىھەسى»، «جامائەت مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىدىكى قانۇنىي ئىگىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى بويىچە مەمۇرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر»، «تەكشۈرۈپ باھالاش-تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»، «بىرلىككە كەلگەن ئەدلىيەلىك باھالاشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا «ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى نازارەت قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا ئورۇننى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قايسى قاتلام ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمىيەت ئاساسىدا پىلانلاش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، چوڭ ئىشلاردا نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جايلاردىكى پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى شۇ جايدىكى ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، لايىھەنى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، قوللىنىشچان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىل، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىپ، بىرى سىناقتىن ئۆتسە بىرنى يولغا قويۇپ، قايسى ئىشنى بېجىرسە شۇنى پۈتتۈرۈش كېرەك؛ ئىسلاھات ئۈنۈمىنى باھالاشتا ئاممىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، مۇھىمى قانچىلىك ئىش بېجىرگەنلىكى، قانچىلىك ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقى، ئامما ئېتىراپ قىلغان-قىلمىغانلىقى ۋە رازى بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، سۈرئەت ئۈنۈم، ئۇسۇلنى ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈم، خاتالىقنى ئازايتىشمۇ ئۈنۈم، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. توختاپ قالغان خىزمەتلەردە خىزمەت مۆھلىتىنى تەتۈر ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوغلاپ يېتىشىۋېلىش، قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ ئىسلاھاتنى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش شەخسەن ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىش سۈرئىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى، ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنى ئاڭلىغان- ئاڭلىمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئىسلاھات روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتتىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر