خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ش ئۇ ئا ر تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى .
دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى جۇيىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى زۇنۇن كېرىم ۋە ھەر قايسى تەنتەربىيە مەكتەپلىرىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى 50 ئەزا ئورۇنلىرى مۇراسىمىغا قاتناشتى.
زۇنۇن كېرەم مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شىنجاڭدا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، ياشلار-ئۆسمۈرلەر خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئەلا نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ ئوبرازىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقاتتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت بىرلەشمىسى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. ياش-ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە بىرلەشمىسى بۇندىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا، ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتىنىڭ پايدىلىق ۋەزىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ تيەنيۈ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى بىزدەك ياش-ئۆسمۈر ئايروپىلان مودىلى ھەۋەسكارلىرىنى ناھايىتى ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى