خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قېتىملىق يادرو سىنىقىدىن كېيىن، لىن جۈندې (سولدىن بىرىنچى كىشى) ۋە سىناققا قاتناشقان خادىملار تەجرىبە مەيدانى رايونىدا ئەۋرىشكە ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى (ماتېرىيال سۈرەت). 2016-يىلى يازدا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مالەن قوشىقى» تېلېۋىزىيەدە تۇنجى قويۇلدى. بۇ فىلىمدا جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پارتلاش مېخانىكىسى ۋە يادرو سىنىقى قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم سىناق مەشىق بازىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن جۈندې ئەسلىي تىپ قىلىنغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق يەر ئاستى يادرو سىنىقى ھەققىدىكى ئاشۇ تارىخ ھەقىقىي نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى