باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ھەم ھەربىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتى، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەربىي بايراق تەقدىم قىلدى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى

2017.07.20 15:19   مەنبە: خەلق تورى

يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ھەم ھەربىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتى، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ھەم ھەربىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتى، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەربىي بايراق تەقدىم قىلدى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى، سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇپ چىقىش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جەڭگاھقا، قىسىمغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي پەن-تەتقىقات ئاپپاراتى، ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە قوماندانلىق ئۇنىۋېرسىتېتى، ئالىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ھەربىي پەن-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇرۇلۇش يىغىنى باشلاندى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى. شى جىنپىڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ باشلىقى ياڭ شۆجۈن، سىياسىي كومىسسارى فاڭ شياڭ، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ خې، سىياسىي كومىسسارى ۋۇ جيېمىڭ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دېڭ شياۋگاڭ، سىياسىي كومىسسارى ليۇ نيەنگۇاڭغا تەنتەنىلىك ھالدا ھەربىي بايراق تەقدىم قىلدى، ئۇلار شى جىنپىڭدىن قولىدىن ھەربىي بايراقنى ئۆتكۈزۈۋالدى. پۈتۈن مەيداندىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ھەربىي بايراققا سالام بەردى.

  بايراق تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭىدىن ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەڭشەپ تەشكىللەپ قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەمىزنىڭ يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى ۋە ھەربىي پەن-تەتقىقات سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئارمىيىمىزنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇشقا مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۇقەررەر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي پەن-تەتقىقاتىدىكى مۇھىم كۈچ. ھەربىي پەن-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسى، يېڭى تەلەپلىرىگە ماسلىشىپ، ھەربىي نەزەرىيە بىلەن ھەربىي پەن-تېخنىكىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي پەن-تەتقىقات خىزمىتىنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ھەربىي ئىلىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي پەن-تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟
    ·ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىل…
    ·لى كېچياڭ: تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم لاياقە…
    ·ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى تۆت يىلدا %12.7 ئاشتى