خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پەلەستىننىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى ئەڭ بالدۇر قوللىغان، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان بولۇپ، ھەقىقىي ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشلاردۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پەلەستىننىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى.
شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پەلەستىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىنى داۋاملىق قوللاپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو پەلەستىننىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، شۇنداقلا پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ھەققانىي ئىشلىرىنى ئىزچىل قوللايدۇ. جۇڭگو پەلەستىن بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى ۋە شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ پەلەستىنگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنى قوللايدۇ. بىز سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتر ئىستانسىسى تۈرى قاتارلىق جەھەتلەردە پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىپ، پەلەستىننىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تەتقىقات، پارتىيە، يەرلىك، ئەلئارا، ياشلار قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى