باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا بەش خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 25 مىليون 399 مىڭ 400(قېتىم)غا يەتتى

2017.07.24 16:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدا 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت قاتارلىق بەش خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 25 مىليون 399 مىڭ 400 (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1مىليون 106 مىڭ 100 (قېتىم)ى كۆپەيگەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىدا سۇغۇرتا بېجىرىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىغا قولايلىق ياراتقان. ھازىرغىچە، 35 مىڭ 842 كىشى (قېتىم) كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى تۆلىمىگە ئېرىشكەن، ئومۇمىي تۆلەم سوممىسى 150 مىليون يۈەنگە، ئەڭ يۇقىرى يەككە سوممىسى 66 مىڭ 800 يۈەنگە يەتكەن. ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى خىزمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 3 مىليون 900 مىڭ (قېتىم) غا يەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋاقىتلىق باھا ياردەم پۇلى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىرلەشتۈرۈلگەن ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 2 مىليون 367 مىڭ 500(قېتىم)گە يەتكەن، 51 مىڭ 800 ئىشسىز (قېتىم)غا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى تارقىتىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشسىزلارنىڭ تۈرلۈك تەمىناتتىن ۋاقتىدا، تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر