خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 1970-يىلى 4-ئاينىڭ 24- كۈنى تارتىلغان جۇڭگونىڭ تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى «شەرق قىزاردى» 1- نومۇر (ماتېرىيال سۈرەت).
1970-يىلى ئېلىمىز لايىھەلەپ ياسىغان «شەرق قىزاردى» 1-نومۇرلۇق تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى «ئۇزۇن سەپەر» 1-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا بىلەن تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈن شياۋيىڭ: بۇ، جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ياپونىيەدىن كېيىن يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقالايدىغان ھەمدە قويۇپ بېرەلەيدىغان 5-دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تۇنجى ئابىدىسى بولۇپ قالدى. «شۇندىن باشلاپ، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويدى»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى