خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى سان ئانتونىئو شەھىرىدە، بىر ساقچى ئاپتوموبىلى ۋەقەگە چېتىشلىق بولغان ۋولمارت تاللا بازىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا توختىتىپ قويۇلدى. ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى سان ئانتونىئو شەھەرلىك دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ 23-ئىيۇل ئىسپاتلىشىچە، شۇ كۈنى ئادەم توشۇپ سېتىشقا چېتىشلىق بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىچىدە، 15 ياشلىق قۇرامىغا يەتمىگەن ئىككەيلەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 17 كىشىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئىكەن. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ساقچى تەرەپ ۋولمارت تاللا بازىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا بىر گۇمانلىق يۈك ئاپتوموبىلىنى بايقىغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىن سەككىز جەسەتنى تاپقان ھەمدە 30 كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. نەق مەيداندا بەدەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ كەتكەنلىكى بايقالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى