باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ساقچى تەرەپ تەخمىنەن 70 پۇقرانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، يەتتە ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

2017.07.24 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندەھار ئۆلكىسىنىڭ شاھ ۋالىكوت رايونىدىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم بالىلار.

  ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قەندىھار ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپ باياناتچىسى دۇرانىنىڭ 23-ئىيۇل دەلىللىشىچە، يېقىندا شۇ جايدىكى تەخمىنەن 70 پۇقرا قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كىشى قازا قىلغان.

  دۇرانى: تۇتقۇن قىلىش قەندىھار ئۆلكىسىنىڭ شاھ ۋالىكوت رايونىدا يۈز بەردى، «دەسلەپكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 20 كىشى قۇتقۇزۋېلىندى، يەنىلا تەخمىنەن 40 كىشى قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا»، دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەتتە تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ ئۆتكەن ئىككى كۈن ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتقۇزماقتا.

  يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ساقچى تەرەپ بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى تالىبان قىلغان، دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن نۆۋەتتە تېخى ھېچقانداق تەشكىلات بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر