باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىتىشتىكى بالىنتسا ھەققىنى راسچوت قىلىش 4000 دىن ئارتۇق دوختۇرخانىنى قاپلىدى

2017.07.25 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىتىشتىكى بالىنتسا ھەققىنى بىۋاستە راسچوت قىلىشنى تورلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەش بولغان. 7-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، دۆلەت باشقا جايدا داۋالاتقان ھەقنى راسچوت قىلىش سىستېمىسى 390 رايوندا ئېچىلىپ، %97.5نى ئىگىلىگەن. 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، 4055 دوختۇرخانا ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىتىشتىكى بالىنتسا ھەققىنى بىۋاستە راسچوت قىلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتى قىلىپ بېكىتىلگەن، ئۇلارنىڭ سىستېمىسىمۇ ئېچىلغان.

  ئىگىلىنىشچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىسىرلىقى يېقىندا يۈز كۈنلۈك جەڭ تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىن ئېچىپ، بارلىق ئۆلكىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالاتقان ھەققنى ئاتچوت قىلىش سىستېمىسىغا كىرىشىنى، %90 تىن ئارتۇق ۋىلايەت-شەھەرنىڭ دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالاتقان ھەققنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىغا كىرىشىنى، باشقا جايدا داۋالىتىشتا ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالاتقان ھەققنى ئاتچوت قىلىش سىستېمىسىغا كىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر