باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى

ئېلىمىزنىڭ ئېنىرگىيە ئىستېمالى ئاشتى

2017.07.24 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئاشقان، جەمىئيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 2 تېرىليون 950 مىليارد كىلوۋات/سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللىشىپ، كۆمۈر ئىستېمال نىسبىتى تۆۋەنلەپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمال نىسبىتى ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، كۆمۈر ئىستېمال نىسبىتى %59.8كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ تەبىئىي گاز بىلەن تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىستېمال نىسبىتى جەمئىي %20كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  ئېنېرگىيە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئومۇمەن كەڭ تاشا بولغان. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليارد 690 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆمۈرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليارد 710 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان؛ نېفىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 96 مىليون 450 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 تۆۋەنلىگەن؛ تەبىئىي گازنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 74 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ(سىلانېتس گازى، كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان.

  ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئۈنۈمى بۆلۈنگەن. باھانىڭ ئۆسۈشى بىلەن، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر ئېچىش-يۇيۇش-تاللاش كەسپى بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە 123 مىليارد 300 مىليون يۈەن پايدا ئالغان، كارخانىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى ياخشىلىنىپ، كۆمۈر ئېلىكتىر كەسپىدە تەننەرخنىڭ ئېشىشى سەۋەبلىك زىيان كۆرۈلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر