باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يولداش خۇاڭ دانيەنگە «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بەردى

2017.07.24 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى يەر شارىنى تەكشۈرۈش ئىلمى ۋە تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پروفېسسورى يولداش خۇاڭ دانيەننىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش خۇاڭ دانيەن پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۆمۈرلۈك ئىستىكى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ، پەن-تەتقىقات ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. بىز يولداش خۇاڭ دانيەننى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سادىقلىق بىلەن دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، دادىل باشلامچى بولۇشتەك كەسىپنى قەدىرلەش روھى، نام-مەنپەئەتكە بېرىلمەي، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشىمىز؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىمىز ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىمىزنى ۋەتەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا، خەلق تارىخنى يارىتىدىغان ئۇلۇغ كۈرەشلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ئۆز ئىش ئورنىمىزدىن باشلاپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  خۇاڭ دانيەن، ئەر، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدىن، 1958-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، 1975-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، كومپارتىيە ئەزاسى، داڭلىق گېئوفىزىكا ئالىمى، دۆلەت «مىڭ كىشىلىك پىلان» مۇتەخەسسىسى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى گۈللەنمە كىرىشمە پەنلەر ئىلمى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، يەر شارىنى تەكشۈرۈش ئىلمى ۋە تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولغان. 2017-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 58 يېشىدا ۋاپات بولغان.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۆڭلىگە غايىنى پۈكۈپ، ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولداش خۇاڭ دانيەنگە «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر