باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «<يېقىن>، <پاك> يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى

2017.07.19 15:49   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «<يېقىن>، <پاك> يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى»  توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 18-ئىيۇل بېيجىڭدا «<يېقىن>، <پاك> يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە مۇتەخەسسىس-ئالىملار، كارخانىچىلار ۋەكىلى ۋە جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەردىن بولۇپ 31 كىشى سۆز قىلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۇڭ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىنژېنېرى جاڭ فېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ئەزالار مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەزالىرىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، «يېقىن»، «پاك» دېگەن ئىككى سۆز بىلەن يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى يىغىنچاقلىغانىدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەت-كارخانا مۇناسىۋىتى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، ھۆكۈمەت-كارخانا مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر تەكىتلىنىۋاتقان «يېقىن»، «پاك» ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەزالار مۇنداق قارىدى: «يېقىن»، «پاك» مۇناسىۋىتىدە، «پاك» ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت، رەھبىرىي كادىرلار، مەمۇرلار پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن ئوچۇق -يورۇق، سەمىمىي ئالاقە قىلىپ، سوۋغات قوبۇل قىلماي، زىياپەتكە بارماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىش، ئالدىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. «پاك» بولۇش ئاساسىدا «يېقىن» بولغاندىلا، ئاندىن پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. جايلاردىكى رەھبەرلەرنىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولۇشى، كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى، سۆھبەتلىشىش تۈزۈمى ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان تۈزۈم شەكىللەندۈرۈپ، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ھەقىقىي قوللىشى كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ىسىياسىي ئېكولوگىيە، ئىقتىسادىي ئېكولوگىيەنى پاكىزلاش، بازار تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟
    ·ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىل…
    ·لى كېچياڭ: تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم لاياقە…