- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېراق ئارمىيەسى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئوننەچچە قۇراللىق ئۇنسۇرىنى يوقاتتى
2017.07.24 14:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراق ئارمىيە تەرەپ 22-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئېراق ھاۋا ئارميەسى غەربى قسىمدىكى ئەنبار ئۆلكىسىدىكى ئىككى شەھەر بازارغا قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئوننەچچە ئۇنسۇرىنى ئىتىپ تاشلىدى.
ئېراق بىرلەشمە ھەرىكەت قۇماندانلىق شىتابى 22-ئىيۇل ئىلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئاخبارات تاراماقلىرىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، ئېراق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى بۇ ئىككى رايونغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر قۇماندانلىق شىتابى، ئىككى قۇرال ياراق ئىسكىلاتى ۋە بىر ئاپتومبىللىق بومبا ياساش زاۋۇتىنى ۋەيران قىلغان، ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئوننەچچە قۇراللىق ئۇنسۇرىنى ئىتىپ تاشلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر