باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايون بويىچە 2017-يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى 1- ئاۋغۇست باشلىنىدۇ

2017.07.24 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ھەمدە ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايون بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايون بويىچە 2017-يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى 1-ئاۋغۇست باشلىنىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى 1-ئاۋغۇست باشلىنىپ، 30-سېنتەبىر ئاياغلىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە 1-ئاۋغۇستتىن 10-ئاۋغۇستقىچە تەشۋىقات ۋە تىزىملىتىش باسقۇچى بولۇپ، تىزىملىتىشنى خالايدىغانلار «مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورى» ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدىكەن؛ 11-ئاۋغۇستتىن 25-ئاۋغۇستقىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي سالاھىيتىنى تەكشۈرۈش باسقۇچى؛ 26-ئاۋغۇستتىن9-سېنتەبىرگىچە قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچى ئىكەن. 10-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 32 نەپەر كەسپىي ئەسكەر قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە، ھاۋا ئارمىيەسى ۋە راكېتا ئارمىيەسىگە نىشانلىق ھالدا 165 نەپەر كەسپىي ئەسكەر قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش سىياسىتىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بەش خىل كىشىلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلىشقا بولىدىكەن: بىرىنچىسى، تۈرلۈك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ئىككىنچىسى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ۋە رەسمىي خىزمەتتىكى ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى؛ ئۈچىنچىسى، ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل كەسپىي ئالاھىدىلىكى بار ياشلار؛ تۆتىنچىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش جەريانىدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ياشلار؛ بەشىنچىسى، ھەربىي رايون خەلق ئەسكەرلىرى ئەترىتىنىڭ ئەزاسى.

  بۇندىن تاشقىرى، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئىستودېنتلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىش نىسبىتى %35تىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قاراماي شەھرىدە %70تىن تۆۋەن بولماسلىقى، باشقا ئورۇنلارنىڭ قوبۇل قىلىش نىسبىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆسۈدىغانلىقى ئېنىق بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر