باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن: كورېيەنىڭ چاۋشيەن بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن ۋاز كېچىشى جەنۇب شىمالنىڭ يارىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى

2017.07.21 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن تۈنۈگۈن كورېيەنىڭ چاۋشيەن بىلەن دۈشمەنلىشىش ۋە قارشىلىشىشتىن ۋاز كېچىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە بۇ جەنۇب بىلەن شىمال مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، يارىشىش ئىتتىپاقلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ تەكىتلىدى.

  چاۋشيەندە چىقىدىغان «ئەمگەك خەۋەرلىرى»نىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئىمزالىق ئوبزورچى ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ گەرچە ئىدىيە تۈزۈمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما مىللەتنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ئورتاق مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويسا، ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. نۆۋەتتە جەنۇب بىلەن شىمال چېكىدىن ئاشقان قارشىلىشىش ئەھۋالىدا تۇرماقتا، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى كورېيەدىكى مۇپەسسىپ كۈچلەرنىڭ چاۋشيەنگە دۈشمەنلىك بىلەن قاراش ۋە قارشىلىشىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكىدە.

  ماقالىدا كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەۋر ئېقىمى ۋە مىللەتنىڭ غايىسىگە توغرا قاراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىسى يوق دۈشمەنلىشىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا بىرلىككە كەلگەن توغرا يولدا مېڭىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر