باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سۇرىيەدىكى تۈرىنى توختىتىشقا بۇيرۇشى رۇسىيەگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈنمۇ؟

2017.07.21 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ 19-ئىيۇل ئاشكارىلىشىچە، زۇڭتۇڭ دونالد تىرامپ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تۆت يىل يولغا قويغان بىر مەخپىي تۈرىنى توختىتىشقا بۇيرۇغان، بۇ تۈر-سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىقلارنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە قورال بىلەن تەمىنلەشكە چېتىلىدىكەن، بۇنىڭدىن مەقسەت-ئۆكتىچىلەرنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاش ئىكەن.

  خەۋەردە بىر قىسم تەھلىلچىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي تۈرىنى توختىتىش-تىرامپنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ ياخشىچاق بولۇشنى ئويلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشارنى تەختتىن چۈشۈرۈش جەھەتتىكى ۋاسىتىسىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ دېيىلدى.

  ئامېرىكا تۆت يىل يولغا قويغان بۇ تۈرنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولدى. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ قارىشىغا ئاساسەن، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇ مەخپىي تۈرى 2013-يىلى باشلانغان، ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭ باراك ئوباما بۇ ئارقىلىق باشارنى تەختتىن چۈشۈشكە قىستاشنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن ئىككى يىلدىن كېيىن، رۇسىيە سۇرىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشقان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئامېرىكىدىكى ئەينى چاغدا بۇ تۈرنى قوللىغان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ تۈرنىڭ نەتىجىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان.

  خەۋەرگە قارىغاندا، بىر ئاي بۇرۇن، تىرامپ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مايىك پومپىيو بىلەن زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى خېربېرت مىكماستېرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ تۈرنى توختىتىشنى قارار قىلغان. بۇ تۈر بۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا تەدرىجىي توختىتىلىدىكەن، بۇندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشى ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ۋە سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىقلىرىنىڭ ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەدىكى چوڭ لاگىرى راققانى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى مەشىقلەندۈرۈش، قوراللاندۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىدىكەن. ئاقساراي بىلەن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 19-ئىيۇل «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىكى مەزمۇنلارغا باھا بېرىشنى رەت قىلدى.

  مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى تەمىنلىگەن قورال-ياراغلار ئەسەبىيلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ. رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاگېنتلىقى 20-ئىيۇل تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي تۈرىنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلغان ئاساسلىق سەۋەب-مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى تەمىنلىگەن قورال-ياراغلارنىڭ ئەسەبىيلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەش دېيىلدى.

  ئامېرىكا ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇشۇيا لاندىس بىر قىسىم سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىقلىرى ئەسەبىي تەشكىلات تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن قورال-ياراغلار دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. 2015-يىلى، ئەينى چاغدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى شۆبىسى بويسۇندۇرۇش فىرونتى ھەلەب ئۆلكىسىدە سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىقلىرى قەتئىيەت ھەرىكىتىنى مەغلۇب قىلدى، ئارقىدىن، ئىنتېرنېتتا ۋىدىيو ۋە سۈرەت ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرى ئولجا ئالغان بىر ئىسكىلات ئامېرىكىچە قورال-ياراغلارنى كۆز-كۆز قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىمۇ بار ئىدى دېدى.

  ئامېرىكا كارنىگ ئوتتۇرا شەرق مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات خادىمى ياچىد سايىگ مۇنداق دېدى: مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى قۇرال ياردىمىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ئۆلكىسى ۋە ھەلەب ئۆلكىسىدىكى مەخپىي تۈرى ئۆتكەن يىلى 2-ئايدىلا توختىتىلدى.

  «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ترامپنىڭ رۇسىيىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سۈرىيەدىكى بۇ مەخپىي ھەىرىكەتنى ئۇزاق مۈددەت تەنقىد قىلغانلىقىنى نەزەرد تۇرۇپ، تۈرنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىقكەن.

  خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، توختىتىش قارارى7-ئىيۇل ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن چىقىرىلغان، ئەمما بۇ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىرى ئەمەسكەن.

  تىرامپ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ خامبۇرگ يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچراشتى، ئۇچرىشىشتىن كېيىن رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئىئوردانىيە ئۈچ تەرەپ ھاسىل قىلغان سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىم ئېلان قىلىندى. كېلىشىم 9-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، بۇ دېرا ئۆلكىسى، كۇنايت ئۆلكىسى ۋە سۇۋېيدا ئۆلكىسىگە چېتىلىدۇ.

  ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ئامېرىكا خەۋپسىزلىك يېڭى مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسى ئىلان گېدېنبۇرگ ئىلگىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى بولغان، ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەرىكەتنى توختىتىش قارارى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشارنىڭ يەنىلا مەملىكەت ئىچى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ تۇرغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. بۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇشى مۈمكىن.

  باشارنىڭ قېلىش ياكى كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ ئىپادىسى بىردەك بولمىدى. ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نىكى خېرى 31-مارت مۇنداق دېدى: ترامپ ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشىىنى ئالدى بىلەن ئويلاشماسلىق بولدى. ھالبۇكى، سۈرىيەدە 4-ئاپرېل گۇمانىي خىمىيىلىك قۇرال بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىسى زەربىگە ئۇچرىدى. خېرى كەينىدىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمىشىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ دېدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر