باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

سۇ ئۈزۈش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى

جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى سەككىز ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

سۈن ياڭ 400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولدى

2017.07.24 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 22- چېسلا، ئەرلەرنىڭ ئون مېتىرلىق پەشتاقتىن سەكرەشتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەيدان مۇسابىقە تۈرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو سۇغا سەكرەش ئەترىتىنىڭ 2017- يىللىق سۇ ئۈزۈش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرى ئاياغلاشتى. توققۇز كۈن داۋاملاشقان مۇسابىقىدە، جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسىنىڭ ئارىلاشما 10 مېترلىق پەشتاختىن سەكرەش تۈرى، ئەرلەر بىر مېتىرلىق تاختا تۈرى، ئاياللارنىڭ قوش كىشىلىك 10 مېترلىق پەشتاختىن سەكرەش تۈرى، ئاياللارنىڭ قوش كىشىلىك ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سەكرەش تۈرى، ئەرلەر قوش كىشىلىك 10 مېترلىق پەشتاختىن سەكرەش تۈرى، ئەرلەرنىڭ ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سەكرەش تۈرى، ئاياللار ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سەكرەش ۋە ئەر-ئايال ئارىلاش ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سەكرەش تۈرى دېگەندەك سەككىز تۈردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى بۇ قېتىم يېڭى ۋە كونا بىرلەشتۈرۈلگەن قوشۇننىڭ قىياپىتى بىلەن سۇ ئۈزۈش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. گەرچە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە باشلامچى بولغان تۆت نەپەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى شى تىڭماۋ، ساۋ يۈەن، چېن ئەيسېن ۋە رېن چيەن قاتارلىقلار ئاران 21 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەزكۇر مۇسابىقىدىكى چېنىقىش جەريانىدا ياش قوشۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يېتەكچى بولدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 23- ئىيۇل ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى سۈن ياڭ ئۈچ مىنۇت 41 سېكۇنت 38 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چىمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە مۇشۇ تۈر بويىچە ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر