باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا 70 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىنىڭ نېسى قىلىنغان ئىش ھەققىنى ئېلىپ بەردى

2017.07.24 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 71 مىڭ 700 دېھقان ئىشلەمچىنىڭ نېسى قالغان 97 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەردى، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان پۇل ۋە ئادەم سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەڭلا تۆۋەنلىدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئوقۇشىچە، تەڭ تۆۋەنلەش ئاساسلىقى ئاپتونوم رايون يولغا قويىۋاتقان بىر قاتار كونكىرېت بولغان ئىش ھەققىنى نېسى قىلىشنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىدىن بولدى، مەسىلەن، تەشكىلي ئاپپارات قۇرۇش، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش، قانۇن ئىجرا كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق بېكىتىش، ئەرىز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەمدە تاراتقۇلاردا ئىش ھەققىنى نېسى قىلىش دېلولىرىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئىش ھەققىنى نېسى قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئىش ھەققىنى نېسى قىلىش دېلولىرىنى باشقۇرۇش ھېساباتى ئورنىتىش، مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك مۇناسىۋىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈن رۇڭ مۇنداق دېدى: دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاساسىي لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ئەرىز، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ئەمگەكنى نازارەت قىلىش ۋە ياراشتۇرۇپ كېسىم چىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش ھەققىنى نېسى قىلىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر