باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى

2017.07.24 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، شىنجاڭدا 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.

  23- ئىيۇل، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى رۈەن دوڭ پروفېسسورنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى خەنزۇ تىلى بويىچە بىرىنچى تۈركۈم تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى نومۇر چېكى 665، مەدەنىيەت ۋە تارىخ تۈرىدىكى نومۇر چېكى 650 بولۇپ، شىنجاڭدا داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. شىنجاڭدا ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەندىكىلەرنىڭ ئالدىن تاللايدىغان مەكتىپى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان، بۇلار شىنجاڭدىكى 19 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن.

  رۈەن دوڭ پىروفېسسور مۇنداق دېدى : 2017- يىلى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى داۋاملىق تۈردە غەربىي قىسىمدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان ۋە ئالىي مائارىپ بايلىقى نىسپىي ھالدا كەمچىل بولغان ئۆلكىلەرگە (ئاپتونوم رايونلارغا) مايىللاشتۇرۇلغان. شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىشكە ئاكتىپ ھالدا تىزىملاتقان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭدىكى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىشتىكى زاپاس ساننى كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەننىڭ نومۇر چېكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلىتىپ، ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن، بىرىنچى تۈركۈمدىكى خەنزۇ تىلى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىگە 28 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەمەلىي قوبۇل قىلىنغان سان 30 نەپەرگە يەتكەن؛ مەدەنىيەت ۋە تارىخ تۈرىگە بىر نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەمەلىي قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىنىڭ سانى ئىككىگە يەتكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدا يەنە «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار»، «ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى»، «دۆلەت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى»، «جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى» ۋە «ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» دېگەندەك تۈرلەرگە 24 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، سۈپىتىمۇ يۇقىرى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر