باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: تۈركىيەگە قاراتقان سىياسەتنىڭ ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىشنى ئويلىشىمىز

2017.07.21 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گابرېئىل تۈنۈگۈن: تۈركىيەگە قاراتقان سىياسەتنىڭ ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىشنى ئويلىشىمىز، بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىمىزمۇ مۇمكىن، دېدى.

  تۈركىيە يېقىندا گېرمانىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى داۋاملىق قاماشنى قارار قىلغانلىقتىن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتتى، گابرېئىل تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ غەربنىڭ بىر قىسىمى بولۇشىنى، ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان گېرمانىيەدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدە پۇرسەت ئىزدەۋاتقاندا ۋەزىيەت يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. گېرمانىيە تۈركىيەگە قاراتقان سىياسىتىنى، جۈملىدىن بىر قاتار پۇل مۇئامىلە جەھەتتە جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى قايتىدىن ئويلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر