باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئاممىنى غەم–ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2017.07.20 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مەملىكىتىمىز ئەرزىيەت سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت ئەرزىيەت سىستېمىسىدىكىلەر خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئەرزىيەت كادىرلىرى جاپاغا چىداپ تىرىشىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى قوغداش ئومۇمىيىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئەلرايىنى بىلىش، ئەلنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامال قىلىپ ئاممىنى غەم-ئەندىشىدىن، قىيىنچلىقتىن خالاس قىلىشى كېرەك. ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئەرز-تەلىپىنى ۋاقتىدا، ئۆز جايىدا قانۇن بويىچە ھەقىقىي ھەل قىلىپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىشلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، سىستېمىلىقى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش جەريانىنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ جەريانى قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى قوللاپ ۋە ئاسراپ، پارتىيەگە سادىق، ئىشەنچلىك، خەلق ئۈچۈن ئىشلەش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىدىغان، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشكە ماھىر يۇقىرى ساپالىق ئەرزىيەت خىزمىتى قوشۇنى قورۇپ چىقىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر