باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، خوتەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ئەركىن ئابدۇرازاق ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2017.07.24 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، خوتەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ئەركىن ئابدۇرازاقنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، ئەركىن ئابدۇرازاق سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە «ئىككى يۈزلىمىچى»لىك قىلغان، ئىنتىزامغا خىلاپ پۇل-مالنى يوشۇرۇپ يۆتكەپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى چىققان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇسۇسىي كارخانا غوجايىنىنىڭ ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان؛ پاك- دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، پۇل-مال، سوۋغات پۇلى ئالغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، بازار ئىگىلىكى پائالىيىتى ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىگە ئارىلاشقان، قول تىققان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەم باشقىلاردىن پۇل-مال ئالغان. نۇرغۇن مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىقسىز بولۇپ، جىنايەتكە چېتىلغان.

  ئەركىن ئابدۇرازاق پاتىيە ئەزاسى، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق، غايە ۋە ئېتىقادنى يوقاتقان، سىياسىي ئېڭى سۇس، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ھۇشىنى تاپمىغان، قولىنى يىغمىغان، ھەدەپ پارىخورلۇق قىلىپ، چىرىكلەشكەن، خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر بولغان. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەركىن ئابدۇرازاقنى پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش، ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋېلىش، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە چېتىشلىق بۇيۇملارنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر