باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ شىنجاڭ شۆبە يىغىنى ئېچىلدى

2017.07.21 15:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىر، ۋەزىپىلەرنى چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا چوڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەلكۈن پەسلى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا مۇقىم بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يەنىلا بىرقەدەر جىق، يوشۇرۇن خەۋپ يەنىلا ناھايىتى كۆپ، ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي. بۇنىڭ ئۈچۈن باشتىن- ئاخىر سەگەك بولۇشىمىز، «قەتئىي تاقەت قىلماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن، قاتتىق، ئەمەلىي، ئىنچىكە بولۇش تەلىپى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا ۋەقە ئومۇمىي سانى، ئۆلگەنلەر سانى، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ ئۇدا تۆۋەنلىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا چوڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ۋەزىپىسى ئېغىر، ۋەقە كۆپ يۈز بېرىدىغان، ئاپەت تەھدىتى ئېغىر بولغان جايلار ۋە كارخانا، ئورۇنلارنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رەتكە سېلىپ ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، مەخسۇس تۈرلەرگە كۈچ سەرپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تۈزەشتە «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، نۇقتىلىق ھالدا كۆمۈر كان، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، يول بىخەتەرلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ساھەلەردىكى مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېگىز قەۋەتلىك بىنا، شەھەر يېقىلغۇ گازى، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەر ۋە كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تۈزەشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئاساسقا كۈچ سەرپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سىستمىسى، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  يىغىنغا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ھەم مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر