باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى

2017.07.21 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىنىسى زو جېڭروڭ (سولدا) ۋە ئاكىسى زو جېڭگۇاڭ (ئوڭدا). (زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تولۇق كۇرسنىڭ 1 ـ تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن خۇش خەۋەر كەلدى، بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق ئۈچىنچى يىللىق 12-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى زو جېڭروڭ ۋە زو جېڭگۇاڭ بىرلا ۋاقىتتا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماشىنىسازلىق، ئاۋىياتسىيە ۋە ئېنېرگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرلا ۋاقىتتا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان شىنجاڭدىكى تۇنجى قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار بولۇپ قالدى.

  بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ مىجەزى تارتىنچاق، ئىككىلىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئوخشاشلا 64 كىلوگرام كېلىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئايرىم- ئايرىم 667 نومۇر ۋە 673 نومۇر ئالغان بولۇپ، 9-ئايدا ئىككىسى بىرلىكتە چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىغا بېرىپ، تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ.

  ئاكىسى زو جېڭگۇاڭ: «بىز ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق، ئىككىمىز باشلانغۇچ مەكتەپنى 104-تۈەن-مايدانى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 104-تۇەن-مايدانى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدۇق، بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ئىككىمىزنىڭ قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتى ئىزچىل ياخشى، كىچىكىمىزدىن ئوخشاش كىيىم كىيىپ كەلدۇق، ئىككىلىمىز ۋاسكېتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر