باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلدى

جاۋ كېجى، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى شۈ چىن، شۆھرەت زاكىر ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، فۇ جىفاڭ، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

2017.07.21 15:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ كېجى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى شۈ چىن باشچىلىقىدىكى خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، 7- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ئالاقە ھەمكارلىقى، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش بۈيۈك پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، خېبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى فۇ جىفاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن سۆھبەت يىغىنىغا ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش قاتارلىق زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن- ئاخىر مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر، زور سالماق، كەڭ دائىرە، ياخشى ئۈنۈم بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۈەن 2- شىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ياراتقان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمىز ۋە ئۆرنەك قىلىمىز؛ دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرىمىز؛ خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتەك ئەلا نەتىجىمىز بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە خېبېي خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

  جاۋ كېجى خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۆلكىدىكى 74 مىليون خەلققە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت خەلققە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خېبېيغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، خېبېينى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ» ۋە «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما نامايان قىلغان «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، قەتئىي سادىق بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتەك روھىي قىياپەت ۋە ئېسىل ئىستىل خېبېيلىقلارنىڭ ئالاھىدە ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىمىز؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشىمىز. دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز؛ دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز؛ دىققەتنى ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز؛ دىققەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز؛ دىققەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز؛ دىققەتنى ئۇلنى پۇختىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشىدەك قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

  شۈ چىن، شۆھرەت زاكىر ئايرىم- ئايرىم ھالدا خېبېي، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، بىڭتۈەن 2- شىسى باشئەگىم شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كاپالىتى مەركىزى، خېبېي «خۇايۈەن» ئولتۇراق رايونى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق «قىزىل بايراق» ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى يۆتكەش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى، شىنجاڭ «لىتەي» يىپەك يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، كورلا شەھىرىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە تۈرلەرگە ياردەم بېرىش مەبلىغىنى تاپشۇرۇپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان خېبېيلىق كادىرلارنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  خېبېي ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن لياڭ تيەنگېڭ، جياۋ يەنلۇڭ، تۇڭ جيەنمىڭ، شىڭ گوخۇي، جاڭ جيېخۇي، شۈ جيەنپېي، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، بەي جىجيې، لى جىدۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر