باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق 15 تارماق ئائىلە ئىشلىرى بويىچە سوتلاش ئىسلاھاتى ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2017.07.21 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 20-ئىيۇل ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى قاتارلىق 15 تارماق ۋە ئورۇن يېقىندا «ئائىلە ئىشلىرى بويىچە سوتلاش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھاتى كېڭىشىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بىرلىكتە ئىمزالاپ، 15 تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئائىلە ئىشلىرى بويىچە سوتلاش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكى بىلەن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارماقلار ئارا ھەمكارلىىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى زورايتىپ، خىزمەتلەردە دۇچ كەلگەن چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئائىلە ئىشلىرى بويىچە سوتلاش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھاتى كېڭىشى تۈزۈمى ئورنىتىش قارار قىلىندى.

  ئىگىلىنىشچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قاتناشقان ئائىلە ئىشلىرى ماجراسىنى كۆپ مەنبەلىك مۇرەسسە قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئائىلە ئىشلىرى بويىچە سوتلاش تەرتىپى ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن. تويلىشىش مۇناسىۋىتى كىرىزىسى بىلەن تويلىشىش سەۋەبلىك قازا قىلىشنى ئايرىپ، تويلىشىش مۇناسىۋىتى كىرىزىسىنى پائال تۈگىتىپ، تويلىشىش ئەركىنلىكى بىلەن ئائىلە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىدىكەن. تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش ئىسپاتنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھىرلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر