باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى

2019.03.09 14:32   مەنبە: خەلق تورى

13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

  لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى، يىغىندا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا يىغىنغا دوكلات بەردى. يىغىندا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  شى جىنپىڭ، ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2975 ئادەم، قاتناشقان ئادەم 2948 ئادەم بولۇپ، 27 كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دېدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇرچىمىز شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر. بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  لى جەنشۇ 2019-يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئالتە جەھەتتىن بايان قىلدى: ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش؛ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى تۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن-تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى.

  ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: لايىھە ئالتە بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئومۇمىي قائىدە، مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش، مەبلەغ سېلىشنى قوغداش، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش، قانۇن جاۋابكارلىقى، قوشۇمچەدىن ئىبارەت 41 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدا يېڭى تۈزۈلىدىغان چەت ئەل سودىگەرلىرى قانۇن-تۈزۈمىگە قارىتا ئاساسىي، ئېنىق بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش دائىرىسى؛ ئىككىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئۈچىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قوغداش؛ تۆتىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش. ۋڭ چېن يەنە لايىھەدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا كونكرېت ئىزاھات بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر