خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، «ئىزدىنىش 1-نومۇر» ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى «چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق ئادەملىك چۆككۈ بىلەن سەنيا پورتىدا قىرغاققا چىقتى. 121 كۈن داۋاملاشقان، 17 مىڭ دېڭىز مىلىدىن ئارتۇق سەپەردىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ «ئىزدىنىش 1-نومۇرلۇق» ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى «چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق ئادەملىك چۆككۈنى ئېلىپ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم غەربىي جەنۇبىي ھىندى ئوكيان ۋە ئوتتۇرا ھىندى ئوكياننى قاپلىغان TS10 چوڭقۇر دېڭىزدا ئىلمىي تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، 10-مارت خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىگە قايتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى