باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى 14 ئەزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى

2019.03.10 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 9-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. 14 ئەزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ سۆزنى ئاڭلىدى.

  يىغىنغا لياڭ جېنيىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى جاڭ چىڭلى، ۋاڭ جېڭۋېي، لياڭ جېنيىڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ، خې ۋېي.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، شيا باۋلۇڭ، لى بىن، باتېر، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېن جيەنباڭ، ليۇ شىنچېڭ، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىدا ئۈچ مەيدان سۆز قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 9-مارت تۇنجى مەيدان سۆز قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر