باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2019.03.07 13:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنغا قانىشىۋاتقان گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقتى. لى كېچياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گۇاڭشى پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاشلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تەستە ئېرىشىدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. گۇاڭشىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ،«تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا، قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ زور بولىدۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ قوزغاپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشىشىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر