3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ما خۇيجۈەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ما خۇيجۈەن نىڭشيانىڭ ۋۇجوڭ شەھىرى خوڭسىپۇ رايونىنىڭ خوڭسىپۇ بازىرىدىن بولۇپ، 2010-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن باشقا ۋاقىتتا، تېلېفوندا يېزىقچىلىق قىلىپ، توردا كۆپلىگەن نەسر، خاتىرىلەرنى ئېلان قىلدى. 2018-يىلى، ما خۇيجۈەن باشلامچى بولۇپ «پاتقاقلىقتىكى ئوقۇمۇشلۇقلار كىتاب ئوقۇش ئۇيۇشمىسى»نى قۇرۇپ، يېزا ئاياللىرىنى ئوقۇتۇپ ساۋاتىنى چىقاردى. ما خۇيجۈەن نامرات رايونلاردىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر مەدەنىيەت-مائارىپى ساھەسىدىكى مەبلەغ، ئۈسكۈنە، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارغا بولغان سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ تېزدىن ئالاقە تورى دەۋرىگە سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم قىلىپ، مەدەنىيەت ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش تەكلىپى بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى