باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشقان تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ

2019.03.01 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخىبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنى مائارىپ مىنستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشقان تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلىتىمىز ئاسپىرانتلار مائارىپىدىكى چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئەمما ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورونلىرى ۋە خادىملاردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، ئىلىم جەھەتتە دورۇس بولماسلىق، ئىلمىي ماقالە ساختىلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار يەنىلا سادىر بولماقتا، بۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان سىياسەت بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، تۈزۈم مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، تەشكىلى باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  ئۇقتۇرۇشتا بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسەت، بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ياخشىلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش، ئورۇن، كەسىپ، رايون، مەكتەپ قاتلىمى تۈرى قاتارلىق جەھەتتە ئوقۇغۇچى مەنبىي دائىرىسىگە چەك قويماسلىق، باشقا كەمسىتىش شەرتلىرىنى تەسس قىلماسلىق كېرەك. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مەسلىھەت بېرىش ۋە ئىلتىماس قىلىش يوللىرى بىلەن تەمىنلەش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئەرىز ۋە پاش قىلىشنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر