باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2018 – يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

بۇ قېتىملىق نەتىجە قەغىزىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپ

2019.02.27 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2– ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 2018 – يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ «نەتىجە قەغىزى» ئېلان قىلىندى:

  ئېلىمىزنىڭ يەسلى مائارىپى داۋاملىق تېز تەرەققىي قىلىپ، ئەلنەپ يەسلىسى بۇلتۇرقىدىن %11.14 ئاشتى؛ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.2 بولۇپ، چوڭ سىنىپ %28.0، ئالاھىدە چوڭ سىنىپ %78.1 ئازايتىلىپ، ھەممىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاقە تورىغا ئۇلانغان مەكتەپلەر %98.78نى، پىسخىك يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى بار مەكتەپلەر %88.13نى ئىگىلىدى؛ ئالىي مائارىپ كۆلىمى داۋاملىق پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىپ، ئالىي مائارىپ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللىشىپ، مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %48.1كە يېتىپ، ئېلىمىز ئالىي مائارىپنى ئاممىۋىلاشتۇرۇش باسقۇچىدىن ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا...

  چوڭ، ئالاھىدە چوڭ سىنىپ زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ، نىشان ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ ۋېييۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2018-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چوڭ سىنىپنىڭ ئومۇمىي سىنىپ سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.06، ئالاھىدە چوڭ سىنىپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %0.5 بولدى. بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چوڭ سىنىپتىن 103 مىڭى، ئالاھىدە چوڭ سىنىپتىن 67 مىڭى ئازايتىلىپ، «2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئالاھىدە چوڭ سىنىپنى تۈگىتىش (%2 ئىچىدە كونترول قىلىش)» خىزمەت نىشانى ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى.

  %99.76 مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرى «20 تۈرلۈك تۆۋەن چەك» تەلىپىگە يەتتى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ تەپتىشلىكى ئىدارىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى خۇ يەنپىن نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش خىزمىتى توغرىسىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز مالىيەسى مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغىدىن 169 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەرلىكنىڭ 372 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پىلاندىكىدىن 20 مىليارد يۈەن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى. قۇرۇلۇشى پۈتكەن مەكتەپ بىناسى كۆلىمىنىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %98.24كە، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشنى تاماملاش نىسبىتى %99.7 كە يېتىپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پىلاندا بېكىتىلگەن «قوش %90» نىشانىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 8.34 پىرسەنت پوئىنت ۋە 9.7 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، بەش يىللىق يىرىك پىلان نىشانى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 309 مىڭ 600 مەكتەپ (ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى «20 تۈرلۈك تۆۋەن چەك» تەلىپىگە يېتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %99.76ىنى ئىگىلىدى.

  مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغى يېزا-كەنتلەردىكى 1 مىليون 270 مىڭ ئوقۇتقۇچىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىسلاھاتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى

  قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ليۇ جيەنتۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2013-يىلىدىن بۇيان مەركەز مالىيەسى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغى ئۈچۈن 15 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاجراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 2018-يىلى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونىنىڭ 725 ناھىيەسىدىكى 80 مىڭدىن ئارتۇق يېزا-كەنت مەكتىپىدىكى 1 مىليون 270 مىڭ ئوقۇتقۇچىغا 4 مىليارد 500 مىليون يۈەن نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ياردەم پۇلى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئايدا 2000 يۈەنگە يەتتى.2018 – يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئۆلكىلەردە ئىسلاھات شارائىتىنى ئۆزى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانى يېتەكچىلىك كومىتېتى مۇتەخەسسىسلىرىنى ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئۆلكىلەرنى بىرمۇبىر نەق مەيدانغا بېرىپ باھالاشقا تەشكىللەپ، خېبېي، لياۋنىڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، شەھەردە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى بېكىتىپ، 2018-يىلى كۈزدە ئوقۇشقا كىرىدىغان تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ يولغا قويدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر