باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ

2019.02.18 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈك تۈزۈم لايىھەسى كۈچەيتىلىپ، «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئىسلاھات، سىياسەت ھۆججىتى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىنىپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىر يىل بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلغان. بىر يىلدىن بېرى، جايلار پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرغا قەدەر 30 ئۆلكە ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 2019-يىلىدا يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر پىكىرنى ئېلان قىلىدىكەن. جايلار، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ھەرىكىتى مىزانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈم، تەدبىرلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، مىزان-تەلەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ھەرىكەت قوللانمىسى ۋە چەكلىمىلەر تۆۋەن چېكىگە ئايلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن ھەمدە پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ۋە پېداگوگىكا كەسپى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشتات-سەپلىمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي مىقدارى يېتەرسىز بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىدىكەن، يەنە يېزىلار ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رېن يوۋچۈن تونۇشتۇرۇپ: «2019-يىلى، بىز جايلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىغا قارىتا قايتا سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، 3-تەرەپ باھالاشنى قانات يايدۇرىمىز. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولمىغان، ئىلگىرىلەش تېز بولمايۋاتقان، ئۈنۈمى ئانچە چوڭ بولمىغان جايلاردىكى مىساللارنى قەرەلسىز ئېلان قىلمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر