باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

2019.01.30 08:35   مەنبە: خەلق تورى

«ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى 11- ئاينىڭ بېشىدا «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمنىڭ قويۇلۇشى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ھەر قايسى كىنو-تېلېۋىزىيە بازارلىرىدا ئادەتتە ناخشا-ئۇسۇل تېمىسىدىكى كىنولارنىڭ كەم بولۇشىدەك بوشلۇق تولدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ فىلىم جۇڭگو كىنو بازارلىرىدا تاپقىلى بولمايدىغان سەنئەت قىممىتىگە ئېرىشتى. مەزكۇر فىلىمدە، داڭلىق ئۇسسۇلچى ئۈمىدجان باش رولچى قەيسەرنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوينىغان شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۇسسۇللىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ھەمدە ماھارەت ئىپادىسى قالتىس بولغان ئۈمىدجان ئۆزىنىڭ ئېكراندىكى سىماسىنى تاماشىبىنلارنىڭ ئېسىدە قالدۇردى.

  مانا ئەمدى، بىزمۇ ئۈمىدجاننى مۇشۇ زىيارىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق.

  بىزنىڭ زىيارىتىمىز ئۈمىدجاندىن تۆۋەندىكىچە تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار سوئاللارنى سوراش تەرزىدە داۋاملاشتى: يەنى، زىيارەتتە، ئۈمىدجاننىڭ قانداق بولۇپ كىچىكىدىلا ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى، ئۇ ئۆگەنگەن نۇرغۇنلىغان ھەرخىل ئۇسسۇللار، يەنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى ئۇسسۇللار ئىچىدە قايسى خىل ئۇسۇلنى ئەڭ ياقتۇرىدىغانلىقى، بۇ ئوخشىمىغان ئۇسسۇللار ئارىسىدا ئوخشاشلىقلارنىڭ بار ياكى يوق ئىكەنلىكى، قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،«ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق بۇ فىلىمدە بۇ بىر رولنى ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى، بۇ فىلىمنىڭ سېنارىيەسىدىكى ھېكايە ۋەقەلىكلىرىنى تۇنجى قېتىم ئوقۇپ چۈشەنگەندە، قانداق ھېسسىياتقا كەلگەنلىكى، بۇ فىلىم كىشىلەرگە زادى نېمىلەرنى بىلدۈرمەكچى بولغانلىقى، ئۆزى ئالغان ئۇ رولىنى ئۆزىنىڭ قانداق چۈشەنگەنلىكى، بۇ فىلىمدە رول ئالغاندا، قانداق چوڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، ئۆزى ئالغان ئۇ رولنى قانداق تاماملىغانلىقى، فىلىمدىكى ئۇ رولنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا يەنە بىرەر ئەپسۇسلىنارلىق ئىشنىڭ قېلىپ قالغان ياكى قالمىغانلىقى، فىلىمدىكى قەيسەر بىلەن رېئاللىقتىكى ئۈمىدجاننىڭ پەرقى، ئىلگىرى ئايال باش رولچى گۈلمىرە بىلەن ئۇسسۇلدا ھەمراھ بولغاندىن كېيىن، بۇ قېتىممۇ يەنە ئېكراندا ھەمكارلاشقاندا، ئۇنىڭدا يەنە قانداق تەسىرات بولغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمدە يەنە نېمىلەرنى قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۇئاللار سورالدى. ئەڭ ئاخىردا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا، ئۈمىدجان كىشىلەرگە تەبرىك سۆزى قالدۇردى.

  ئەگەر سىز بىزنىڭ زىيارەت مەزمۇنىمىزغا قىزىقسىڭىز، ئۈمىدجاننىڭ يۇقىرىقى سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ باققايسىز.

  



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…