باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.12.06 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 6-دېكابىر «2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسىنى كېڭەيتىش، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  1. مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مەركەزنىڭ «ئىستۇدېنتلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»ىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلاشسا ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى بېرىش، ئوقۇش پۇلى قەرزىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»، «ئىستۇدېنت كەنت كادىرى»، «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانى» قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈرلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ، يولغا قويۇشقا داۋاملىق ماسلىشىپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئاساسىي قاتلام تۈرلىرىنى يولغا قويۇش كۆلىمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش لازىم. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارەت قاتارلىق ساھەلەردىن خىزمەت تېپىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش لازىم. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلەندۈرگۈچىلىك مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت-ئىجادىيەت، ساغلاملىق، ياشانغانلار پاراۋانلىقى، مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  2. ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  3. دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىش ئورنى ئېچىش لازىم.

  4. گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش لازىم.

  5. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  6. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلاردا پىراكتىكا قىلىش، ۋەزىپە ئۆتىشىنى قوللاش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر