باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا

2019.01.18 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا يېزىلارنىڭ 2018-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە ئىش ئورنىغا 90 مىڭ كىشى ئېلىش پىلانلىنىپ، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئەمەلىي تەكلىپ قىلىنىپ ئىش ئورنىغا چىققانلار 85 مىڭ 200گە يېتىپ، پىلاننى تاماملاش نىسبىتى %94.7 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەردىن 63 مىڭ 100ى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %74.1 ئىگىلىگەن. يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 22 ئۆلكىدىكى 37 مىڭ 800 يېزا مەكتەپلىرىگە جايلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا-بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ %32.5نى، يېزا-بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ %33.9نى، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى %26.6نى، ئوقۇتۇش نۇقتىسى %7نى ئىگىلەيدىكەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش پىلانىنى تاماملاش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس، بەزى ئۆلكىلەرنىڭ تاماملاش نىسبىتى ئۇدا ئۈچ يىل بىر قەدەر تۆۋەن بولغان. ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەرنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولۇپ، مۇلازىمەت قىلىش مەزگىلىدە خىزمەت قىلىش نىسبىتى ۋە مۇلازىمەت قىلىش مەزگىلى توشقاندىن كېيىن قېلىپ قېلىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان. بەزى مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق پەن ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلار ئاز، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىچىدىكى ئەر-ئاياللار نىسبىتى تەڭپۇڭسىز بولۇش ئەھۋالى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر