باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ قالمايمىز دەپ ئېنىق سىگنال بەردى

2019.01.29 09:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا 2018-يىلى 5-ئايدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە ئىرانغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلەتكەندىن بۇيان، ئىران بىر يۈرۈش تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. ھەربىي ساھەدە ئىران يېقىندا نۇرغۇن ھەربىي مانىۋېرلارنى ئۆتكۈزدى.

  ئىران قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۈلۈشكۈن ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئىككى كۈنلۈك كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرنىڭ نامى «ئىقتىدار» بولدى. ئىران قۇرۇلۇق ئارمىيەسى زور تۈركۈم ئوفېتسىر-ئەسكەرنى مانىۋېرغا قاتناشتۇردى. بۇ قېتىمقى مانىۋېر ئىران قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن كېيىنكى مۇداپىئەسى ۋە ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  بۇندىن بۇرۇن، ئىران ئارمىيەسى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككى كۈنلۈك كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ئارمىيەسى مانىۋېرى ئۆتكۈزگەن. مانىۋېر ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش ۋە تاجاۋۇزچلىقنى توسۇش ئىقتىدارىنى سىناشنى مەقسەت قىلغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئىران دېڭىز ئارمىيەسى دائىرىلىرى يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئىران بىلەن رۇسىيە كاسپىي دېڭىزىدا بىرلىشىپ مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا، مانىۋېرنىڭ مەزمۇنى دېڭىزدا ئىزدەش ۋە دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىران يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك مانىۋېرلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىدەك ئېنىق سىگنالنى بەردى. پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىرانننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چىكىنىپ چىققاندىن بۇيان، سىياسىي، ئىقتىساد ھەمدە ھەربىي قاتلامدىن ئىرانغا ئىزچىل بېسىم ئىشلەتكەن؛ ئىسرائىلىيە بولسا سۇرىيە چېگىرىسىدىكى ئاتالمىش «ئىراننىڭ ھەربىي ئىشلار نىشانى»غا كەينى-كەينىدىن زەربە بېرىپ كەلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر