- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىنو-تېلېۋىزىيە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك
ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك
2018.12.26 15:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىنو-تېلېۋىزىيە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)دا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كىنو-تېلېۋىزىيە تەربىيەسىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق ۋە گۈزەللىك تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئۇنى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى كۆرۈشنى ھەر بىر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئوقۇلىدىغان دەرسلىك مەزمۇنى قىلىپ، ھەر بىر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەر مەۋسۈمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىنو-تېلېۋىزىيە تەربىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، شەكلى ھەر خىل ۋە بايلىقى مول بولغان،ھەمدە دائىم قانات يايدۇرىدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر كىنو-تېلېۋىزىيە تەربىيە خىزمىتى مېخانىزمىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.
مەزكۇر «پىكىر»نىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىچە: مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە، ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنەۋۋەر كىنولارنى تەۋسىيە قىلىدۇ، جايلار ئىدىيەۋىلىكى ۋە بەدىئىيلىكى كۈچلۈك،مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇنەۋۋەر كىنو-فىلىملەرنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ يەرلىكتىكى فىلىم قويۇش ئاپپاراتلىرى شارائىت يارىتىپ، شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس مەيدان تەسىس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز كىنو كۆرۈش پائالىيىتىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەمدە ئالاھىدە كىنو قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش كېرەك؛ مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو ھەپتىلىكى پائالىيىتى ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە تەربىيەسى مۇنبىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر مەكتەپ كىنو-تېلېۋىزىيە تەربىيەسى پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئىچىدىكى قەھرىمان شەخسلەر، ئىلغار شەخسلەر ۋە گۈزەل شەيئىلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىگە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر