خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى جىخەي توڭگۇز يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 28-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى قۇتلۇقلىدى. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار ۋە بىرلىكسەپ ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق تىلىكىنى بىلدۈردى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قۇتلۇقلاشقا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى