باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

2019.01.28 09:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى خەلق گېزىتخانىسىدا پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

  ■ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن تاراتقۇ قۇرۇپ چىقىش بىز دۇچ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك تەخىرسىز تېما بولۇپ قالدى. ئۇچۇر ئىنقىلابى نەتىجىسىنى قوللىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ■ بىز ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى كۈچلۈك تارقىتىش كۈچىگە، يېتەكلەش كۈچىگە، تەسىر كۈچىگە، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىگە ئىگە قىلىپ، توردا، تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى غايە- ئېتىقاد، قىممەت ئېڭى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە بىردەك زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىتىشىمىز كېرەك.

  ■ خەلق گېزىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى، بىر پارچە گېزىت يۇقىرىدا پارتىيەنىڭ قەلبى بىلەن تۇتىشىدۇ، تۆۋەندە خەلقنىڭ قەلبىگە ئۇلىنىدۇ. خەلق گېزىتىنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىپ، رايونلارنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كىشىلەر توپىنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەزمۇننىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى پىكىردىكى يۆنىلىشلىك رولى، بايراقلىق رولى، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن تاراتقۇ قۇرۇپ چىقىش بىز دۇچ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك تەخىرسىز تېما بولۇپ قالدى. ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىنى قوللىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، «دەرسخانا»نى تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپىگە تەسىس قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، مۇزاكىرە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئېلىپ باردى.

  1- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭنىڭ باشلامچىلىقىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار خەلق گېزىتخانىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇ بىناسىغا كەلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن خەلق گېزىتى رەقەملىك تارقىتىش شىركىتى نەق مەيدانىدا ئېلېكتىرونلۇق گېزىت كۆرۈش تاختىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ كېڭەيتىلىش، قوللىنىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىگىلىدى. بۇنداق رەقەملەشكەن تېرمىنالغا خەۋەرلەرگە كۆز يۈگۈرتۈش، ئىدىيەۋى- سىياسىي ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، كىتاب، ژۇرناللارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئىقتىدارلار توپلاشتۇرۇلۇپ، مۇھىم يۇغۇرما تارقىتىش سۇپىسىغا ئايلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېلېكتىرونلۇق گېزىت كۆرۈش تاختىسى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىشتا بىر خىل مۇھىم يېڭىلىق ياراتقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئىدىيە- پىكىر يولى، تۈزۈلمە- مېخانىزم، شەكىل- ئۇسۇلدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، ئىمارەتلەرگە يەتكۈزۈش، ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق گېزىتىنى خەلققە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، خەلق گېزىتى خەلق ئۈچۈن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، تارقىتىش تەرتىپىنى قايتا بەرپا قىلىش ۋە يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشى تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق گېزىتىنىڭ «مەركىزىي ئاشخانا»سىغا كېلىپ، سىنلىق قىسقا فىلىمگە بىرلەشتۈرۈپ «گېزىت، تور، تېرمىنال، مىكرو تاراتقۇ، ئېكران»دىن ئىبارەت تۈرلۈك بايلىقنى ئېچىش، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ «مالا سەيجىڭ»، «يىبېن جېڭجىڭ»، «شياكېداۋ»، «ئۆگىنىش چوڭ دۆلىتى» قاتارلىق خىزمەت ئىشخانىلىرىدىكى مۇخبىر، تەھرىرلەر بىلەن سەمىمىي سۆزلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى، پارتىيە ئىستانسىلىرى، پارتىيە تورى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى جەزمەن دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دادىللىق بىلەن يېڭى تېخنىكا، يېڭى مېخانىزم، يېڭى ئەندىزىنى قوللىنىپ، يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە زورايتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  كۆچمە خەۋەر قىلىش قوماندانلىق سۇپىسى ئالدىدا، شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرى لۇەنپىڭ ناھىيەسى پىڭفاڭ مانجۇ يېزىسىنىڭ يۈيىڭ كەنتىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇخبىر ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەزكۇر كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىر تۈرلۈك تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. پارتىيەمىز ئەستايىدىللىققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ، گېپىدە تۇرىدۇ، ئىشنى نەتىجىلىك قىلىدۇ، دېگىنىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇ كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتەر بولۇپ، كۆڭلىنى توختىتىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامنى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىنى ئۆگىنىش، چېنىقىش سۇپىسى ۋە تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مېھىر- مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، قابىلىيەت- ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يەرلىكتىكى پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، نامرات يېزا- كەنتلەرگە يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ يەنە سىن ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق بارلىق 1- شۇجى ۋە كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، مىليونلىغان يۇرتداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق گېزىتىنىڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزىدە خەلق گېزىتى مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى، تېرمىنال قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى تارقىتىش ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تور بېكىتى، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، ئېلېكتىرونلۇق گېزىت كۆرۈش تاختىسى، يان تېلېفون گېزىتى، تور تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى، مۇلازىمەت شەكلىدىكى، ھېس قىلىش شەكلىدىكى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاخبارات تارقىتىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە قاپلىشى، پۈتۈن ھاۋارايىلىق ئۇزارتىلىشى، كۆپ ساھەلەرگە كېڭىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ساداسىنىڭ تۈرلۈك تېرمىناللارغا بىۋاسىتە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى ئاممىۋى پىكىر مەيدانىنى ئىگىلىشى كېرەك.

  ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق تورى پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش كونترول مەركىزىگە كەلدى، خەلق تورىنىڭ باش لىدىرى يې جېنجېن تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى، كۆپچىلىك مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن تاراتقۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق تاراتقۇ، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك تاراتقۇ، پۈتۈن كىشىلىك تاراتقۇ، پۈتۈن ئۈنۈملۈك تاراتقۇلار بارلىققا كېلىپ، ئۇچۇر ھەممە يەرنى قاپلىغان، ھەممە يەرگە يېتىپ بارغان، ھەممە كىشى پايدىلىنىدىغان بولۇپ، ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسى، تاراتقۇ ۋەزىيىتى ۋە تارقىتىش ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى كۈچلۈك تارقىتىش كۈچىگە، يېتەكلەش كۈچىگە، تەسىر كۈچىگە، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىگە ئىگە قىلىپ، توردا، تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى غايە- ئېتىقاد، قىممەت ئېڭى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە بىردەك زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇپىنى قايتا قۇرۇش ئارقىلىق، تۈرلۈك تاراتقۇ بايلىقلىرى، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر مەزمۇنى، تېخنىكىنى ئەمەلىي قوللىنىش، سۇپا- تېرمىنال، باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنىڭ ئورتاق يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ سۈپەت ئۆزگىرىشى ھاسىل قىلىشىنى تېزلىتىپ، بىر گەۋدە ئۈنۈم ئېففېكتىنى زورايتىپ، كۈچلۈك تەسىر كۈچىگە، رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆچمە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى كۆچمە تارقىتىشنىڭ ياردىمىدە، ئاممىۋى پىكىرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىدىيەگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان، خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان تارقىتىش ئېگىزلىكىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى خەۋەر توپلاش، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش، قوبۇل قىلىش، قايتما ئىنكاس قىلىش جەريانىدا قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەنئەنىۋى تاراتقۇ بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇ، مەركەز تاراتقۇلىرى بىلەن يەرلىك تاراتقۇلار، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى بىلەن سودا سۇپىلىرى، ئاممىباب تاراتقۇلار بىلەن كەسپىي خاراكتېرلىك تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بايلىق تۈجۈپىلەنگەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تور بوشلۇقىمىزنى تېخىمۇ سۈزۈلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، يېڭىچە تارقىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ئوچۇق تارقىتىش، تېخىمۇ كەڭ تارقىتىش، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقىتىش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى، قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتە قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ، كۆز قاراش ئېنىق بولغان تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر مەزمۇنى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، ئاممىۋى پىكىر مەيدانىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تور مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىشىنى قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تېخنىكا ئارقىلىق تورنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سىياسەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تاراتقۇلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق گېزىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى، بىر پارچە گېزىت يۇقىرىدا پارتىيەنىڭ قەلبى بىلەن تۇتىشىدۇ، تۆۋەندە خەلقنىڭ قەلبىگە ئۇلىنىدۇ. خەلق گېزىتىنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىپ، رايونلارنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كىشىلەر توپىنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەزمۇننىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى پىكىردىكى يۆنىلىشلىك رولى، بايراقلىق رولى، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  1- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى خەلق گېزىتخانىسىدا پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. سۈرەتتە، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار خەلق گېزىتخانىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزىدە گېزىتخانىنىڭ مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى، تېرمىنال قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىماقتا ھەم يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر