باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىش يەرشارىلاشتۇرۇش يېڭى قېلىپىنى بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش

2019.01.24 11:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى تۆنۈگۈن شىۋېتسارىيەنىڭ داۋوستا باشلاندى. ئۆتكەن يىلقى «پارچىلىنىۋاتقان دۇنيا ئىچىدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» دىن بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسى-«يەرشارىلاشتۇرۇش4.0: 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىنى بەرپا قىلىشنىڭ يەرشارى قۇرۇلمىسى» غىچە يەرشارىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ كاتتا يىغىندا دۇنيانى تەرتىپلە سېلىشنىڭ ئېغىر خىرس ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدەك بىر ئېنىق سېگنال چىقىرىلدى.

  بۇ يىل داۋۇس يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى يەرشارىلاشتۇرۇش يېڭى يۈزلىنىشىگە مەركەزلەشتى، بۇ ھەم دۇنيادا نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىد.

  مۇنبەر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننى تەشكىللەش پىلانلاش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق يېتەكچى فاڭجېنى: «سۆزلىشىش» ۋە «مەنپەئەتكە ئالاقدار تەرەپلەر» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق كەمچىل بولىۋاتقان ئەھۋالدا خەلقئارا ماسلاشتۇرۇشنى ياخشىلاش، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا ئىھتىياجلىق ئادەم، كارخانا، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان قاتلاملارنىڭ ماسلاشما تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  داۋوس مۇنبىرىنى تەشكىللىگۈچى تەرەپنىڭ نوپۇزلۇق ئەربابىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، نۆۋەتتە بىر يۈرۈش خىرسلار يېڭى بىر يەرشارىلاشتۇرۇش دەۋرنى ئاچقان، تېخنىكا ئىنقىلاۋى بىلەن بىللە ئەگىشىپ كەلگەن بىر يۈرۈش ئۆزگىرىشلەر بىرلا دۆلەت ۋە ساھەدىلا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش ئەمەس، شۇڭا بىزدىن يەرشارىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدىكەن.

  ئامېرىكىدىكى بىر بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باش مەسئۇلى پارۋاد سانتوس قۇمار دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە ماقالە يېزىپ، رەھبەرلەرنى ئومۇمىيەت قارىشى بويىچە كەلگۈسىنى پىلانلاشقا مۇراجىئەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا بىر بىرىگە ئۇلانسا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىمۇ بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەيلى مەھەللە ياكى دۆلەت بولسۇن، ئۆزى يالغۇز پاسىل تام سېلىۋېلىپ، ئۆزىنى تاشقى دۇنيا بىلەن ئايرىۋېتىشنى خام خىيال قىلماسلىقى كېرەك.

  دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى «جەمئىيەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش» تۈرىنىڭ مەسئۇلى نىگۇراس دەۋېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدە يەرشارىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېخنىكىسى ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ، ئىجابىي قىممەت قارىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ. 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ۋە يەرشارىلاشتۇرۇش 4.0 ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ خاتالىقىنى تولۇقلايدىغان پۇرسەت. ئۇ ئورتاق كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش ئوخشاش ۋەدىسىدىن باشلانغان بولۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا بەخت-سائادەت يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  بۇ ئاقىلانە سادالار دەل جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھىسىگە ئاۋاز قوشقانلىق.

  خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋالغۇش بولۇپ ئۆزگىرىشچان بولۇپ تۇرىۋاتقان، يەرشارىلاشتۇرۇشقا قارشى ئېقىم يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، جۇڭگو رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيانىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان مەسىلىنى ئاددىيلا ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشقا يىغىنچاقلىدى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قورۇقچىلىقى قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئادەم ئارقىلىق يېتىم قالىدىغان كونا دەۋرگە چېكىندۈرۈش- تارىخنىڭ ئېقىمىغا ئۇيغۇن ئەمەس. توغرا تاللاش بولسا- بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بارلىق خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش.

  نۆۋەتتە، 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلاۋى تېخىمۇ ئۇلغايماقتا، دۇنيا مىسلىسىز ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، شەخس، كارخانا، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت ھەمدە پۈتكۈل دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەڭشەشكە دۇچ كەلمەكتە. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەتنى تۈزەش قىزىل رەقىمى ئېغىرلاشتى، تۈزۈمدىكى نۇقسانلار ئۈزلۈكسىز سىياسىي بايلىق، كوللېكتىپ ئاقىلانىلىك ۋە جەمئيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى يوقاتماقتا. مەملىكەت ئىچى كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، ئىلگىرى يىغىنغا قاتنىشىش ئويى بار بولغان ئامېرىكا ئەنگىلىيە فرانسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنغا كوللېكتىپ قاتناشمىدى. بۇ دەل بۇ خىل ئېنىقسىزلىق ۋە تەشۋىش كەيپىياتىنىڭ كارتىنىسى.

  بۇ دەۋر ئارقا كۆرىنىشىدە، داۋۇس مۇنبىرى ۋە ئۇنىڭدا تەشەببۇس قىلىنغان ئېچىۋېتىش، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش روھى تېخىمۇ قىممەتلىك بولدى. بۇ خىل روھ داۋۇس مۇنبىرىنىڭ ئۇزاق مۈددەتلىك جەلپ قىلىش كۈچى، شۇنداقلا يەرشارى خىرسقا تاقابىل تۇرۇشقا ئىلھام بولىدۇ.

  مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىسى شۋاب ئېيتقاندەك، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئاچقۇچ- ھەر قايسى مەنپەئەتكە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىشىدا، ئۆ ئۆزىنى قامال قىلىۋېلىش ياكى قورۇقچىلىق ۋە مىللەتپەرەسلىك كەيپىياتى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، دۆلەت چېگرىسىنى گۈللەندۈرۈش يۈزلىنىشى بولىۋاتقانلار ۋە يەرشارىدا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا توسالغۇ قىلىۋاتقانلار دۇنيانىڭ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان بىر مەھەللىگە ئايلانغانلىقىدەك ئەمەلىيەتكە سەل قارىدى.

  تۈنۈگۈن ئېچىلغان داۋۇس يېڭى بىر يىللىق يىغىنى دۇنياغا ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىشنىڭ يەرشارىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇقتادى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىپ، دۇنياغا مۇقىم، گۈزەل ئىستىقبال يارىتىش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر