باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى

2019.01.28 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 122- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى بولسا، دىققەتنى پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭنەنخەيدىن چىقىپ، «دەرسخانا»نى تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپى − خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇ بىناسىدا تەسىس قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە قارىتا ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى چوقۇم كۈچلۈك تارقىتىش كۈچىگە، يېتەكلەش كۈچىگە، تەسىر كۈچىگە ۋە ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىگە ئىگە قىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى چوقۇم غايە-ئېتىقاد، قىممەت ئېڭى ۋە ئەخلاق قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر