باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى تىجارەت ئىجازىتى بىكار قىلىندى

2019.01.24 11:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىراننىڭ ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى تىجارەت ئىجازىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى، شۇ كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  نۇرغۇن تاراتقۇلار خەۋەر بېرىپ: بۇ قارار ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ گېرمانىيەگە قونالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن گېرمانىيەنىڭ ئىراننى ئومۇميۈزلۈك جازالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېدى.

  گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى: خامان ئاۋىياتسىيە شىركىتى سۈرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا ئۇرۇش رايونلىرىغا ھەربىي جابدۇق ۋە خادىم توشۇغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ قارارنى چىقاردۇق، دېدى.

  شۇ كۈنى گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى، شىمالىي گېرمانىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ۋە غەربىي گېرمانىيە رادىيو ئىستانسسى نۇرغۇن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى مۇشۇ ھەپتە ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى تىجارەت ئىجازىتىنى بېكار قىلىدۇ، دەپ خەۋەر بەردى.

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: گېرمانىيە بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ، ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى تىجارىتىنى چەكلەشنى قارار قىلدى، دېگەن.

  بۇ ئەمەلدار يەنە: بۇ تەدبىر گېرمانىيەنىڭ ئىراننى ئومۇميۈزلۈك جازالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېگەن.

  ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىراننىڭ ئىككىنچى چوڭ ئاۋىياتسىيە سودىگىرى بولۇپ، ئىران ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ كەينىدىلا تۇرىدۇ، ھەپتىدە 4 نۆۋەتچى ئايروپىلان گېرمانىيەنىڭ غەربىدىكى دۈسسېلدورف شەھىرى ۋە جەنۇبىدىكى ميۇنخېن شەھىرىگە ئۇچىدۇ.

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 2011-يىلى 10-ئايدا «خامان ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىغا قاراشلىق مۇددەس شەھەر قوشۇنى ۋە ئاللاھ پارتىيەسىنى قوللىغان» دەپ، بۇ شىركەتنى جازالاشنى جاكارلىغان.

  ئىران ھۆكۈمىتى ۋە ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتى تاراتقۇلارغا ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ياناتچىسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى «ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇشى چەكلىنىدۇ» دېگەن خەۋەر ھەققىدە مۇخبىرلارغا جاۋاب بېرىپ: ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي قارار چىقىش جەريانىنى ئاشكارىلىمايمىز» دېدى.

  نۇرغۇن تاراتقۇلار 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋەر بېرىپ: گېرمانىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خامان شىركىتىنىڭ ئۇچۇش ئىجازىتىنى بېكار قىلدى، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىچارد گېرىگنېر ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردا: ئامېرىكا خامان ئاۋىياتسىيەسىنىڭ گېرمانىيەدە داۋاملىق تىجارەت قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ، دېگەن.

  گېرىگنېر تىۋىتتېردا: نېمە ئۈچۈن خامان ئاۋىياتسىيە شىركىتى دۈسسېلدورف ۋە مېيۇنخېنغا ئۇچۇش ئىجازىتىگە نېمىشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ مەن بۇ سوئالنى كۈندە سورايمەن، دەپ يازغان.

  ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ: ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتى سۈرىيەگە قەرەللىك ھالدا ئۇرۇش خادىملىرى ۋە ئەشيا توشۇپ، باشار ھاكىمىيىتى قوللىدى، خامان ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن ئالاقىسى بار بارلىق كارخانىلار جازالىنىشى مۇمكىن، دېگەن.

  گىرېگنېر 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تىۋىتېردا: گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارىنى قارشى ئالىمىز، ئىران ھۆكۈمتىنىڭ ماخان ئاۋىياتسىيەسىدىن پايدىلىنىپ باشار ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەيمىز، دېدى.

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سىتىفىن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا تاراتقۇلارنىڭ «گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن جازالاش قارارىنى چىقاردى» دېگەن خەۋەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆز بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ قارار چىقاردى، دېدى.

  سىتىفىن يەنە: ماخان ئاۋىياتسىيە شىركىتىىڭ گېرمانىيەگە گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغان ئەشيا توشۇش ئېھتىماللىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، بىز ئىراننىڭ ئىلگىرى ياۋروپادا قوزغىغان تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا ئاساسەن بۇ ھۆكۈمنى چىقاردۇق، دېدى.

  ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چىكىنپ چىقتى، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ۋە 11-ئاي ئىككى تۈركۈمدە ئىرانغا قاراتقان جازانى ئەسلىگە كەلتۈردى؛ ئامېرىكا ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىرانغا قايتا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ياۋروپا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ، ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈشتىن ئىمكانقەدەر ساقلاندى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىراننىڭ بىر ئاخبارات ئاپپاراتى ۋە ئىككى ئاخبارات ئەمەلدارىنى جازاشلانى قارار قىلدى، چۈنكى گوللاندىيە، دانىيە ۋە فىرانسىيە ئىراننى «ياۋروپادا ھۇجۇم قوزغىماقچى» دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2015-يىلى 7-ئايدا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن بۇيان ئىراننى تۇنجى قېتىم جازالىشى.

  ئىران بۇ ئۈچ دۆلەت ئېيتقان «ھۇجۇم سۇيىقەستى» بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، جازا ئىران بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر