باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇلار بىر مەيدان 300 كىلومېتىرلىق كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىنى تاماملىدى

2019.01.24 11:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 تىيانشان تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭدىكى توققۇز چارۋىچى بىر جاسارەتلىك ئىشنى تاماملىدى. ئۇلار يۇڭ-تېرىلىك چاڭغىدا تېيىلىپ، 11 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 300 كىلومېتىرلىق ئالتاي تېغىنى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  ئۇلار قابا ناھىيەسىنىڭ ئاققابا كەنتىدىن يولغا چىقىپ، ئالتاي تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنى بويلاپ، شەرققە قاراپ مېڭىپ، ئاخىرقى نۇقتا بولغان ئالتاي شەھىرىدىكى جياڭجۈن تېغىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي يۈرۈش مۇساپىسى 300 كىلومېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم يول بۆلىكى ئادەمسىز رايونغا تەۋە ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئالتاي تېغىنى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىنى ئالتاي تاغ رايونىدىكى توققۇز نەپەر قار تېيىلىش ھەۋەسكارى بىر ئاي بۇرۇن پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەرنى پىلانلاشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى ئالتاي تاغلىق رايونىدىكى قەدىمىي يۇڭ-تېرىلىك چاڭغا تېيىلىش مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئىكەن، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر