باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنى پەسەيتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2019.01.23 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دانالار سۇ كەلگۈچە توغان سالىدۇ، ئاقىللار يىراقنى كۆزلەيدۇ

  «داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر بولۇۋاتقان ئەتراپتىكى مۇھىت، مۈشكۈل ۋە ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلىشىمىز كېرەك». مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر ۋە زور خەۋپ-خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەزىرىنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدەك ئۇلۇغۋار ئىشقا قويۇپ، چوڭقۇر ھالدىكى كۈلپەت قايغۇسى ئېڭى ۋە ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسى ئارقىلىق، سىياسىي ساھە، ئىدېئولوگىيە (پەلسەپە)، ئىقتىسادىي ساھە، پەن-تېخنىكا، جەمئىيەت، تاشقى مۇھىت، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېغىر ۋە زور خەۋپ-خەتەرلەر ئۈستىدە چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىتلاردا يۈز بېرىۋاتقان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدىكى ئۆتكۈر كۆزىتىشلىرى ۋە تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارنى توغرا ئىگەللىشى ئەمەلىيەتتە پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلارنىڭ خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا خەۋپ-خەتەرنىمۇ ئويلاپ تۇرۇش ۋە سۇ كەلگۈچە توغان سېلىۋېلىشتەك مۇداپىئە ئېڭىنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن چوڭقۇر بىر دەرس بولدى.

  «بىرەر خەۋپ-خەتەرگىمۇ سەل قارىماسلىق، بىرەر يوشۇرۇن ئاپەتنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق». مانا بۇ، 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىش، ئۇلارنى كونتىرول قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشىدا، تۈرلۈك خىرىسلارغا زور كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئۇلارنى پەسەيتىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ كېمىنى ھەيدەپ مېڭىپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش ۋە مۇقىم ھالدا ئۇزاقلارغا يۈرۈشىدە يوقاتماي كېلىۋاتقان بىر مۇداپىئە ئېڭىدۇر. ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «تۆت ئاڭ»، «تۆت ئىشەنچ» ۋە «ئىككىنى قوغداش»غا بولغان تونۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ۋەزىيىتى پائال تۈردە ساغلام ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئىقتىساد يەنىلا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۈستۈن تۇتماۈقتا، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولماقتا. قانچىكى مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە تۇرغاندا، بىز شۇنى شۇنچە ياخشى تونۇشىمىز كېرەككى، «خاتىرجەم ھالەتتە تۇرۇپمۇ خەتەرنى ئويلىسا، ھەر ۋاقىت خەتەردىن نېرى تۇرغىلى بولىدۇ؛ تىنچ ۋە رەتلىك ھالدا ئىدارە قىلىپ تەۇرۇپمۇ ئېھتىيات قىلغاندا، تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ.» پەقەت تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت قايغۇسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئېغىر ۋە زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىگەندىلا، ئاندىن يېڭى مۇساپىلەردە تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  ئېغىر ۋە زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشتە، خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەم زور تارىخىي پۇرسەتكە، ھەم يەنىلا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەم تاشقى خەۋپ-خەتەرمۇ بار، ھەم ئىچكى خەۋپ-خەتەرمۇ بار، ئادەتتىكىچە خەۋپ ـ خەتەرمۇ بار، شۇنداقلا ئېغىر ۋە زور خەۋپ-خەتەرمۇ بار. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولى تەكشى ئەمەس، كۆپلىگەن زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، خەۋپ-خەتەرنىڭ يوشۇرۇن ئاپەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش خىرىسلىرى ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولماقتا. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، چوقۇم تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىدا دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە ۋە يېڭى خىرىسلارغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئېغىر ۋە زور خەۋپ ـ خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئېغىر ۋە زور خەۋپ ـ خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقانداق خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىدىيە تەييارلىقى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ياخشى ئېلىپ، زىددىيەتنى يوقىتىپ، خەۋپ-خەتەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر