باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ قار ماكانىدىكى «ئات تاكسىسى»

2019.01.24 11:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس كەنتىدە، نۇربولات ئات يايلىسىدىكى قارلارنى تازىلىماقتا. (1-ئاينىڭ 9-كۈنى فوتوسى)

  قار ماكانى قۇمقاناس، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر دەل قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ بېسىق مەزگىلى. بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن نۇربولات جۇمابىكنىڭ ئۆيى قۇمقاناستا بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇرا ئۇنىڭ ساياھەتچىلەرنى ئات سۆرەيدىغان چانىدا سەيلە قىلدۇرۇش قىزغىنلىقىغا ئازراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن ئىدى. ئۇ ساياھەتچىلەر كۆپ ۋاقىتتا ئات سۆرەيدىغان چانىدىن قىلىدىغان كىرىمىنىڭ 600 يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئات سۆرەيدىغان چانا ئىلگىرى قۇمقاناس يېزىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ قىش پەسلىدىكى ئاساسلىق سىرتقا چىقىش قورالى ئىدى. قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى، چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئائىلە ئاپتوموبىلى ئات سۆرەيدىغان چانىنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇ ئەنئەنىۋى قاتناش قورالى قۇمقاناسنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى ئالقىشلىنىدىغان تۈرگە ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن «ئات تاكسىسى» دەپ ئاتالدى. نۇربولات يەنە قۇمقاناسنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى مېنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمىمنى بارغانسېرى ئاشۇردى، قىشتا ئات سۆرەيدىغان چانا بار، يازدا ساياھەتچىلەر ئات ئىجارىگە ئېلىپ سەيلە قىلىدۇ، ئائىلە ياتاقلىرىمۇ يىل بويى تىجارەت قىلالايدىغان بولدى، دېدى. قۇمقاناسنىڭ قار پەسلى ئۇزۇن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىشتا قۇمقاناسقا كېلىپ قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قار ماكانىدا ياشايدىغان چارۋىچىلارغا نەپ ئېلىپ كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر