باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ يېڭى ئايرودۇرۇمى تۇنجى ئايروپىلاننى كۈتۈۋالدى

2019.01.23 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1- ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر سىناق ئايروپىلان بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى ئۇچۇش-قونۇش بىرىنچى يولىغا ئاستا قونۇپ، شۇ تۇنجى ئايروپىلان بۇ ئايرودۇرۇمغا بالون ئىزىنى قالدۇردى. بۇ يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش سىنىقى قىلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ پات ئارىدا ئىشلىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچۇش سىنىقى قىلىپ تەكشۈرۈش باسقۇچى بولسا، يېڭىدىن سېلىنغان ھەر بىر ئايرودۇرۇمنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشى مۇلازىمىتىنى باشلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ھەم شۇنداقلا ئايرودۇرۇمنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش ئەھۋالىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، بۇ ئايرودۇرۇم يەنە ئايروپىلان كابىنكىسىدىكى ئۇچۇش-قونۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە كۆزىتىش سائەتلىرىنىڭ قونۇشنى باشقۇرۇشتىكى ئالتە يۈرۈش سىستېمىسىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى تاماملاپ، شۇ ئارقىلىق، مەزكۇر ئايرودۇرۇمنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى ئۇچۇش-قونۇش يوللىرىدا ۋە شەرقىي بۆلىكىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش بىرىنچى يولىدا ئۇچۇش سىنىقى قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۇچۇش سىنىقى قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى 1- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلىنىپ، 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ئاياقلىشىدۇ، يەنى ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملىشىدۇ. ئۇچۇش سىنىقى قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تۆت بۆلەك ئۇچۇش-قونۇش يولى، ئايروپىلان كابىنكىسىدىكى ئۇچۇش-قونۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە كۆزىتىش سائەتلىرىنىڭ قونۇشنى باشقۇرۇشتىكى ئالتە يۈرۈش سىستېمىسى، يەتتە يۈرۈش چىراغ، بىر يۈرۈش تولۇق يۆنىلىشلىك سىگنال، تېلېمېتىر ئارىلىق ئۆلچەش ئاپپاراتى ۋە ئۇچۇش تەرتىپى قاتارلىقلار. ئۇچۇش سىنىقى قىلىپ تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە بۇ داشىڭ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ ئۇچۇش تەرتىپى ۋە يول باشلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش شارائىتىنىڭ ھازىرلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئۇچۇش سىنىقى قىلىپ تەكشۈرۈشتە، ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تەكشۈرۈش سۇپىسى ئىشلىتىلدى. ئۇ سۇپىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىتىلىشى بىلەن، ئېلىمىز ھازىر دۇنيادا ئۇچۇش سىنىقى قىلىپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى مۇستەقىل ھالدا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقالايدىغان ئالتىنچى دۆلەتكە ئايلاندى. 6- ئاينىڭ 30- كۈنى پۈتۈپ چىقىشقا ۋە 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئۆز قەرەلىدە قاتناش باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، داشىڭ خەلقئارا ئايرودرومى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر