باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك روھ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

  شاۋكەت ئىمىن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2019.01.24 11:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۆزى تۇرۇشلۇق تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت، ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتى، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشتا. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش نىشاننى قەلبكە پۈكۈش، باش نىشاننى زىممىگە ئېلىش، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇش، «مىخ قېقىش» روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چىڭ ئىگىلەنگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چىڭ ئىگىلەنگەن، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چىڭ ئىگىلەنگەن، ئورنى يۇقىرى، ئەمەلىيلىشىشى پۇختا، چوڭقۇرلۇققا ئىگە، ھارارەتكە ئىگە بولۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇردى، قەلبلەرنى ئىللىتتى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان «ۋەزىپەنامە».

  شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە ئېغىر، مۈشكۈل ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىدۇق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ يېڭى قەدەم ئالدۇق. بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار نىشان مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى چىڭ ئىگىلەنگەن، ئىلمىي، مۇۋاپىق. بىز پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رېئال تۇرمۇشتىكى ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيەسىدىكى ھەل قىلىش جىددىي زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا، ئۇلارغا جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلىشىمىز ۋە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي ھالدا ئىدىيە جەھەتتىن، خىزمەت جەھەتتىن، تۈزۈم جەھەتتىن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تارباغاتاي ۋىلايىتى ھازىر ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپ كۈچلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر